ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! تورداش بىلىمدان بلوگىغا كەلگىنىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، نادىر تىمىلار بىلىمدان بلوگىدا !

 

QQ:772109290

|

قوشىۋىلىڭ

|

باشبەت قىلىش

بايانات: QQ: 772109290

  • شۇنداق چاچلىرىم دوپپا دەپ يىغلايدۇ، يارىشىغىم قېنى، گۈزەللىكىم قېنى دەپ ماڭا زارلاۋاتىدۇ. ھەر قېتىم ئەينەككە قارىغىنىمدا قوناقنىڭ قۇرۇپ كەتكەن كۆرۈمسىز پۈپەكلىرىدەك توزۇپ تۇرىدىغان خۇنۈك جانسىز چاچلىرىم ئۆزىگە ئوخشاش يېقىمسىزلىق بىلەن دوپپا دەپ ئىڭراپ جېنىمغا تېگىدۇ، خۇش كەيپىمنى بۇزىدۇ، قۇشۇمىلىرىمنى تۈرگۈزۈپ قۇيۇق ئىككى قېشىم ئارىسىدىكى گۆشلۈك تېرىگە پاراللىل ئىككى سىزىق سالىدۇ

  • ئەقىل ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ ئاساسلىق يادروسى بولۇپ، تەپەككۇر بولسا ئىنسان ئۆزى ئويلىغان ھەرخىل شەيئىلەرنىڭ ئىنكاسى، شۇنداقلا ئەمەلىيەت ھەرىكەتلەرنىڭ باش قوماندانىدۇر. ئەقىلنىڭ رولى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان رىئال ھاياتتىكى چوڭ- كىچىك مەسىلىلەرگە باغلانغان بولۇپ، ئادەتتىكى گەپ- سۆزدىن تارتىپ ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىش، تارىخنى يەكۈنلەپ نەتىجە چىقىرىش، ئەقىلغا ئۇيغۇن بولمىغان مەسىلىلەرگە سەلبىي قاراشتا بولۇش، تەپەككۇر نەزىرىنى ھاياتلىقنىڭ ھەرخىل قىسمەت- ھېكمەتلىرىگە يۈگۈرتۈپ ئىزدىنىپ بېقىشلارغىچە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئىسلام دىنى ئەقىلغا باھا بېرىشتە پەۋقۇلئاددە يۈكسەكلىككە ئىگە.
    ئىسلام دىنىنىڭ ئەقلىيە كۆزقارىشى، ئەقىل- تەپەككۇرغا بەرگەن باھاسى، تارىختىكى ھەرقانداق دىن ھەرقانداق كۆزقاراشلارنىڭكىدىن پەرقلىق ھالدا ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

  • « غەربكە ساياھەت » فىلىمى قويۇلغاندىن كېيىن ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ، خېلى ئۇزۇنغىچە كىشىلەرنىڭ يادىدىن چىقمىغانىدى . ئەلۋەتتە ، بۇنى ئەسەر مەزمۇنىنىڭ قىزىقارلىق ۋە جەلىپ قىلارلىقلىقى ، فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە شۇنداقلا فىلىمدە رول ئالغان چولپانلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . فىلىمدە سۇنۋۇكۇڭ ئوبرازى كىشىگە ئاجايىپ قالتىس كۆرۈنىدۇ . ئەمما سىز سۈنۋۇكۇڭنىڭ چىشى ياكى ئەركەك مايمۇن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ ؟ فىلىمدىكى تەپسىلاتلارغا ئاساسلانغاندا ، سۈن ۋۇكۇڭ چوقۇم چىشى مايمۇن . نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز ؟ تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ چىشى مايمۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلارغا قاراپ باقايلى :

  • ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ - ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮادﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎۋلاﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎي ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﺎدﻟﯩﻖ، ﻛﯜچ - ﻗﯘۋۋەت، ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎراﺳﻪت ۋە ﺟﺎﺳﺎرەت ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ . ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﺎزاب ۋە ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯩﺰ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﯩﺰدا ﻳﻮﺷﯘرۇﻧﯘپ ﻳﺎﺗﻘﺎن ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯜردە ﻗﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻳﯜﻛﺴﻪك ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜرەﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧلا ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺷﻪك - ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮔﯜزەل ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪر، رﯨﻘﺎﺑﻪت ۋە ﻛﯜرەﺷﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﺗﯩﻠﺴﯩﻤﺎت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯘﭼﺎق ﺋﺎﭼﺎلاﻳﻤﯩﺰ ...
    ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎن ۋە ﺋﻪڭ ﻗﻮرﻗﯘﻧﭽﻠﯘق ﺋﯩﺶ ﺋﯚز ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯘر. ﺋﺎدەم ﺋﯜﭼﯜن ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎت، ﺋﻪڭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ۋەﮬﯩﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﯜم ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟلاش - ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎت ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﭘﻪﻳﺘﯩﺪە ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪا ﺋﯚز ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺧﺎلاس.

  • ئىسلامدىن يېنىۋېلىش كۇپۇر سۆزلىرىنى تىلىدا دېيىش ياكى دىلىدا توغرا ئەمەس بىر ئېتىقادتقا ئېتىقاد قىلىش بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. يەنە بىر مۇسۇلمان كۆڭلىدە بىر مۇددەتتىن كېيىن ئىسلامدىن يېنىۋېلىشنى نىيەت قىلسا، ئۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كاپىر بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بىر مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنىڭ پەرزلىرىدىن بىرەر پەرزگە ئىنكار قىلسا، ئۇمۇ كاپىر بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۈرەيرە (ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ ئەبۇبەكرى خەلىپە بولغاندا، ئەرەپلەرنىڭ ئىچىدىن كاپىرلىققا يېنىېۋالغانلىرى بولۇپ (بەزىلىرى زاكات بېرىشتىن باش تارتقان. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇبەكرى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشماقچى بولغان)، ئۆمەر(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئەبۇ بەكرىگە : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «مەن كىشىلەر بىلەن تاكى ئۇلار بىر ئاللاھ دىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بەرگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. كىمىكى شۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئۆزىنىڭ مېلىنى ۋە جېنىنى مەندىن ساقلاپ قالىدۇ.

  • ئۇخلاپ قالدى

         ئوغلى ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا:
         — ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟– دەپ سوراپتۇ. 
         — ئۇخلاپ قالدى، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا.
     

  • تاللانغان كىشى...

    قاراڭغۇ زۇلمەت بىلەن نەپسانىيەتچىلىك قاپلىغان دەۋىردە.
    مۇھـتاجمىز سىنىڭ نورۇڭغا.
    يىتەكلىدىڭ بىزنى قانداق ياشاشقا،
    مۇھەممەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسى.
    سەن شۇنداق مېھرىبان ھەم كۆيۈمچان
    روھىڭ تولغان نۇرغا،
    سەن قالتىس ئىنسان

  • ئاللاھ ئۇلۇغدۇر...
    ئەگەر سورىسڭىز مەندىن مۇھەببەتنى.
    بىلىسەن مۇھەببەت توغۇرسىدا نىمىلەرنى دەپ،
    جاۋابىم شۇكى؟  ھەممە ئاللاھقا باغلىق.
    پاك مۇھەببەت روھىمىزغا باغلىق،

    ھەممىمىزنىڭ ياراتقۇچىسى،
    جەننەت ھەم پۈتكۈل كائىنانتنىڭ ياراتقۇيچىسى.
    بىزنى تولۇق ئەركىنلىككە ئىرىشتۈرگۈچى.
    ئۇ سادىق قوغدىغۇچى،

  • ھەر ۋاقىت ماڭغۇدەك يولۇڭ قالمىغان ۋاقىتتا،
    گاڭگىرا ئىچىدە قالغىنىڭدا ۋە يالغۇز قالغىنىڭدا.
    قاراڭغۇ كىچىدە  كۆرگىنىڭ پەقەت قاپقاراڭغۇلۇق،
    ياردەمچىسىز ھىس قىلىپ ئۆزۈڭنى، ھەق يولدىن ھەم ئاداشقىنىڭدا.

    ھەرگىز چۈشكىنلىشىپ ئۈمۈدىڭنى يوقاتما،
    چۈنكى ئاللاھ ھەر ۋاقىت سەن بىلەن بىرگە.
    ئىنشا ئاللا {ئاللا خالىسا}...........
    تاپالايسەن ھەق يولنى.

  • ئاچقىن كۆزۈڭنى

    ئىچىپ كۆزۈڭنى ئەتراپىڭغا نەزەر سال،
    كۆرمەيۋاتامسەن كۆز ئالدىڭدا يىيىلىپ ياتقان مۆجىزىلەرنى
    لەيلاۋاتقان بۇلۇتلار،  ئاسمان شۇنچە كۆپكۆپ ھەم سۈزۈك،
    سەييارىلەر ئۆز ئوربىتىسىدا قىلار ھەركەت داۋاملىق.
    ئاي ھەم قوياش، شۇنداق كەم-كۈتسىز ماسلىشار،

    ئۆز ئۆزىمىزدىن سوراپ كۆرەيلى.
    ئەجىبا بۇ پاكىتلار بىزگە يەتمەمدۇ،
    كۆزىمىز يەنىلا ھىچنىمىنى كۆرمەمدۇ.؟
    قىلچە پىسەنىت قىلمامدۇ؟

  • 1. ئەتىدىن باشلاپ ياخشى ئۆگنىمەن .
    نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دائىم ياتاقداشلىرى ياكى يېقىن دوستىغا “ مەن ئەتىدىن باشلاپ چوقۇم تىرشىپ ئوقۇيمەن “ دەپ قەسەملەرنى بىرىدۇ . بۇخىل ئەھۋال كۆپۈنچە مەۋسۇملۇق ئىتىھانغا بىر-ئىككى ھەپتە قالغاندا ياكى ئالدىنقى مەۋسۇمدا بىر نەچچە پەندىن ئۆتەلمەي تولۇقلاپ ئمتىھان بېرىش يېڭىلا ئاياغلاشقان چاغلاردا يۈز بېرىدۇ .

  • ئۆزخىياللىرى بىلەن كېتىپ بارغان بالا  ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ئوقۇغىچىغا (قىز ئوقۇغۇچى )سوقۇلۇپ كەتتى ۋە ئالدىراپ - تىنەپ كەچۈرۈم سورىدى  ، ئەمما ئۇ ئوقۇغۇچى  ئۇنى يەۋەتكۈدەك ئالىيىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن،  ئۇ سۈركىلىپ كەتكەن يەرنى  قوللىرىدا قېقىشتۇرغاچ كېتىپ قالدى .  ئەسلىدىمۇ كۆڭلى يېرىم  تۇرغان ‹سەھرالىق› قەدەملىرىنى تەستە سۆرەپ سىنىپقا ماڭدى .

  • ئوغۇل ئىسىملىرىئادەم : بۇغداي ئۆڭلۈك، ئادەم ئاتا، ئادەم ئىبرانىيچە قىزىل، ئىنسان، ئىنسانىيەت دېگەن بولىدۇ.
    ئىبراھىم : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى ئاممىنىڭ ئاتىسى دېگەن بولىدۇ.
    ئەجۋەد : سېخى، ئېسىل، ئۇلۇغ.
    ئېھسان : ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىق، ياخشى ئىش قىلىش.
    ئەھمەد : مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك، قەدىرلەشكە لايىق.
    ئىدرىس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
    ئەدھەم : قارا، ئىشكەل.
    ئەدىب : يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئەدەپ- ئەخلاقلىق.
    ئىرشاد : يېتەكلىمەك، توغرا يولغا باشلىماق

  • نادىر ئاكا خېلى نامى بار ئۇستا سازەندە ھەم ناخشىچى بولغاچقا، جاماەتچىلىك بىلەن تېزلا ئارىلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئەپسۇسكى نادىر ئاكا 1920-يىلى ۋاقىتسىز ۋاپات بولىدۇ. بۇ چاغدا ئەخمەتجان 6 ياشتا ئىدى. بۇ بەختسىزلىكتىن خەۋەر تاپقان قاسىم ئاكا (ئەخمەتجاننىڭ ئانىسى شەرۋانىخاننىڭ دادىسى) شەرۋانىخان ئانا بىلەن ئەخمەتجاننى ئۆز يېنىغا كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېتىدۇ، ھەمدە ئەخمەتجاننى ئۆز ئىلىكىدە تەربىيىلەپ، دىنىي مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتىدۇ. شۇ پەيتتە ئەخمەتجاننىڭ (سوۋېت) ياركەنتىكى تاغىسى مەنسۇر بولۇس ( شەرۋانىخاننىڭ ئىنىسى) ئادەم ئەۋەتىپ ئانا-بالا ئىككىيلەننى چېگرانىڭ ئۇ يېقىغا ئېلىپ كېتىدۇ.1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى گومىنداڭنىڭ غۇلجىدىكى سىلىڭبۇ ۋە ۋالىي مەھكىمىسى قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ھۇجۇم بىلەن ئىشغال قىلىنىپ، دەرھال ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەسىس قىلىندى. گېزىتخانا تېزلىكتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان گېزىتى چىقىرىلىشقا باشلىدى. ئەخمەتجان قاسىمى گېزىتخانىنىڭ يۈگۈر-يىتىم ئىشلىرىدا ئالدىراش بولۇشتىن سىرت، < 1.ililiq > تەخەللۇسى بىلەن ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇپ تۇردى ۋە رۇسچە خەۋەر-ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىپ گېزىت سەھىپىسىدە ئېلان قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قابىلىيەتلىك ۋە بىلىملىك ئادەم ئىكەنلىكى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

    1920.jpg

  • نېمىشقا ھەقىقەتنى سۆزلىمەك شۇنچىلا تەس، يالغاننى سۆزلىمەك شۇنچىلا ئاسان؟  
    *نېمىشقا بىزلەر مەسچىتتە شۇنچە مۈگدەيمىز، لېكىن ناماز تۈگۈشىگىلا توساتتىن ئويغۇنىمىز؟  
    *نېمىشقا ﷲنى سۆزلىمەك شۇنچىۋالا تەس، لېكن پەس ئېشلارنى سۆزلىمەك شۇنچىۋالا ئاسان؟  
    *نېمىشقا ئسلامى ماقالىلارنى كۆرۈش شۇنچىۋالا زېرىكىشلىك، لېكىن پەس ماقالىلانى كۆرۈش شۇنچىۋالا ئاسان
    *نېمىشقا ﷲ توغرۇلۇق ئېىلخەتلەرنى ئۆچۈرۈۋىتىش شۇنچىۋالا ئاسان، لېكىن بىز ھەممىمىز پەسكەش ئىلخەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرسى-بىرسىمىزگە يەتكۈزىمىز؟  
    * نېمىشقا مەسچىتلەر كىچىكلەپ، دېسكوخانىلار چوڭۇيۇپ كېتىدۇ؟ سىز ۋاز كېچەمسىز؟  

  • 1.مەن سېنى شۇنداق ياخشى كۆرىۋاتسام،ئەجىبا،سەنمۇ ياخشى كۆرۈپ قويساڭ ئۆلەمتىڭ؟
    2.تاماق ئىتەلمەمسىز؟ھە…تاماق ئىتەلمىسە نىمە بوپتۇ،مەنمۇ تاماق ئىتىشنى بىلمەيمەن!
    3.دۇنيادا ھىچكىمنىڭ سىزگە ئاشىق بولغۇدەك سالاھىيىتى يوق،ئەلۋەتتە،مەندىن باشقا!
    4.سىز نىمانداق دۆت؟ئەجەبا،مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن گەپكىمۇ ئويلىشىپ بېقىش كىتەمدا؟
    5.ھىم،قاراپ تۇرۇڭ،ئىشقىلىپ ھامان بىركۈنى مېنىڭ نۇپۇس دەپتىرىمگە سىزنىڭ ئىسمىڭىز قوشۇلىدۇ.
    6.بولدى،جايىڭىزدا جىم تۇپتۇرۇڭ،مەن ئەتىگىچە بېرىپ بولىمەن!

  • كۆزلىرىمنى ھاراق بىلەن لىق تولدۇرۇلغان رومكىغا تىككىنىمچە نىمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ ئولتۇراتتىم . تىلفۇنۇمنىڭ تۇيۇقسىز سايرىشى بىلەن ئاشۇ گادىرىماچ خىياللاردىن قۇتۇلدۇم . تىلفۇننىڭ ئېكىرانىدىكى ماڭا يادا بوپ كەتكەن شۇ نۇمۇرغا ئاچچىق تىكىلدىم . ئالماي دېدىميۇ قايسىدۇر بىر خىل قىزىقىش ئىچىدە يەنە تىلفۇننى ئالدىم .
    __ قەيەردە سەن ؟__ شۇنچە زىل ئاۋازمۇ قۇلۇقۇمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىۋاتاتتى .
    __نىمە  چاتىقىڭ ؟__ ئاچچىق بىلەن شۇ سۆزنى ئېيتتىم !
    __ كەلسەڭ ئوبدان بىر پاراڭلاشساق بوپتىكەن !
    __ نىمىنى پاراڭلىشىمىز !؟ ساڭا ئىشەنمەيمەن ! بىلىپ قوي قىزلار دېگەن ساماندەك ، ئاشۇ ساماندەك قىزلار تۈگەپ كەتكەن تەقدىرىدىمۇ ساڭا ئىشەنمەيمەن ! بىلىۋاتامسەن !

  • [ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويۇن قېپى مەن
    (باتۇر سىدىق)
    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويۇن قېپى مەن
    دەرسكە كىرمەي ئويناپ يۈرىمەن
    دەپتەر قەلەم بولمىغاچ مەندە
    سومكا ئاسماي غادىيپ يۈرىمەن

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويۇن قېپى مەن
    ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي يۈرىمەن
    يۈزىم قېلىن بولغاچقا مىنىڭ
    تەنبھ ئاڭلاپ كۈلۈپ يۈرىمەن

  • تور ئارلاۋىتىپ ماۋۇ قىسقا فىلىمنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم خەنزۇچىغا بەك ئۇستا  بولمىسىمۇ ھۆددىسىدىن چىقىپ قويىدىكەن ! خىلى يۇمۇرىستىك ئىكەن خەنزۇلارغا ئۇچراپ قالساق قانداق سۆزلەشنى ئۈگۈنۈپ قويساق بولغۇدەك تورداشلار بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى!

  • چۈش كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ , ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ , يامان چۈشلەرنىمۇ ئامال بار ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ كىشىلەرنىڭ پ...
  • قىيامەتكەئاز قالدى !  كېلىڭلار ! ياشىۋېلىڭلار !

    ئىشخانىسىنى بازارنىڭ مەركىزىگە قۇرۇۋالغان ئىبلس ، مەيداندىكى ئالاھىدە ياسالغان  سەھنىدە يۇقىرى چاستۇتىلىق مىكرۇفۇن بىلەن جان جەھلى بىلەن توۋلىماقتا .....

    پىشانىسىنىڭ ئۇتتۇردىكى چىقىر كۇزى...
  • ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرىدىكى مۇزىكا كىرىشتۇرۈلگەن ناخشىلار

  • بۇ ئىككىسى ئەر- خوتۇن بولۇپ، ئايالنىڭ ئىسمى گۈزەل، يولدىشىنىڭ ئىسمى ئەرشىدىن. گىتارنى خېلى يۇقىرى سەۋىيىدە چالىدىكەن.

  • ياز كەلدى ، يەر - جاھان ئىسسىپ كەتتى ، ئۆيلىرىمىزدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ بىزگە ئارەمبەخىش بولمىسا - زە ، مۇشۇ تۇنۇردەك ئىسسىقتا دوزاق ئازابى تارتىدىغان ئىش ئىدى . بىز سۈرۈن ئۆيلەردە يېنىچە يېتىپ تېلىۋىزۇر كۆرۈپ تۇمۇزنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىمىز .
        ئەمما يەنە شۇنداق بىر خىل كىشىلەر بار ، ئۇلارغا ھاۋا تەڭشىگۈچ بولمىسىمۇ ، ئۆينىڭ ئىچى ياكى تېرەكنىڭ سايىسى بولسىمۇ خوش بولاتتى .


  • قاقشىما  ئەركەكلەر   قىزلار    جالاپ  دەپ،
    يەمچىكەن   ھەممىسى  بۇزۇق  نىمە  دەپ .
    بىلسەڭ گەر چاۋاكمۇ بىر قولدىن چىقماس،
    جاۋاپكار   ئۆزىمىز    قىلما   باشقا    گەپ .

  • ماڭا! سەن يېقىنلاپ كۆرۈپ باق،شۇ ھامان بۇرۇلۇپ باقمىغىنىمنى كۆر !
    قېنى سەن يولۇمدا مېڭىپ كۆرۈپ باق،يولۇڭنى راۋان قىلىپ بەرمىگىنىمنى كۆر !
    ماڭا ئىلتىجا قىلىپ كۆرۈپ باق، چېكىدىن ئاشقۇزۇپ بەرمىگىنىمنى كۆر !
    مەن ئۈچۈن قەدىرسىز بولۇپ كۆرۈپ باق،مىسلىسىز قەدىرلىك قىلمىغىنىمنى كۆر !
    مېنى دەپ رىيازەت چېكىپ كۆرۈپ باق،ھەددى يوق مەرتىۋە بەرمىگىنىمنى كۆر !

  • ئىسلامدىكى ھەج ئىنساننىڭ ئاللاھ تەرەپكە ئۆرلىشى ۋە تەرەققى قىلىشى دىمەكتۇر.تىخىمۇ ئىنىق سۆز بىلەن ئىپادىلىگەندە، ھەج شوئارلىرى بىر ۋاقىتتا بىر قانچە ئىشلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە مۇلاھىزە قىلىش دىمەكتۇر. ئۇ "يارىتىلىش ۋەقەسى،تارىخ، بىرلىك، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئىسلام ئۈممىتى"نى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە مۇزاكىرە قىلىش دىمەكتۇر.

  • پۇلسىز قىزنىڭ ئولىمىئەتىگەن يامغۇرنىڭ شاقىراپ چۈشكەن ئاۋازى بىلەن تەڭ قاباھاتلىك چۈشتىن ئويغۇنۇپ رىئال دۇنياغا قايتىپ كەلدىم . ئورنۇمدىن تۇرۇپ بامدات ناماز ئوقۇغاندىن كىيىن مەرھۇم دوستۇم ساچىدەنىڭ روھىغا ئاتاپ ئىككىركەت ناماز ئوقۇپ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلشىنى ئۇزاق تىلدىم . جەينىمازىن چۈشۇپ باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلاي دىسەممۇ بىراق كىچىدىن بېرىقى چۈش مىنى زادى ئارامىمدا قويمىدى

  • 1
    مەن سەن بىلەن سۆيۈشكەندە ئاسماندا ئاي ئېسىقلىق ئىدى ، شۇڭلاشقىمىكىن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا قاراڭغۇلۇق يوق ئىدى ھەم مەڭگۈ مەۋجۇت بولمايتتى . سېنى سېغىنىپ يۇمران ھېسلىرىم ھاياجانغا تولغاندا ، ئايغا تەلمۈرۈپ ئۈنسىز تېۋىنىمەن ، ئاينىڭ رەڭگىگە قاراپ سېنىڭ سىمايىڭنى كۆرگەندەك بولىمەن .

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق